سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن كۆرۈشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-12

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- يانۋار تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 11- كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى كامىرون بىلەن كۆرۈشتى.

    شى جىنپىڭ كامىروننىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بولغان مەزگىلدە جۇڭگو- ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن 2015- يىلى ئەنگلىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانىدىم. بىز جۇڭگو- ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نى بىرلىكتە ئېچىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتۇق. باش ۋەزىر تېرېسا مېي ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، جۇڭگو- ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» چوڭ يۆنىلىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو- ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدە داۋاملىق تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. ھازىر جۇڭگو- ئەنگلىيە ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئادىمىيەت ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ جانلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، «ئالتۇن دەۋر» ئۇلۇغ پىلانىنى تېخىمۇ كۆپ «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۇزاققىچە مۇقىم راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

    كامىرون شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. كامىرون مۇنداق دېدى: رەئىس جانابلىرىنىڭ 2015- يىلى ئەنگلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نى ئورتاق بەرپا قىلغانلىقى ھەم ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئەنگلىيە- جۇڭگو ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. مېنىڭ ئەنگلىيە- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم كامىل، ئەنگلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايمەن.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368910501