سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى سەنشى كوماندىسىنى يەڭدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-11

    10-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 23-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 88 گە قارشى 96 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن سەنشى ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى. 22-ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭ ئاياللار كوماندىسىنىڭ رەت تەرتىپى ئىككىنچى، سەنشى كوماندىسى ئۈچىنچى بولۇپ، بۇ بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نەتىجىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق مۇسابىقە ئىدى. 23-ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭ ئاياللار كوماندىسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالىدۇ. يەنى 13-يانۋار ۋە 15 يانۋار ئايرىم ئايرىم ھالدا شاڭخەي كوماندىسى ۋە بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368883591