سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دۆلىتىمىز دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن–تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-11

    ئاساسلىق يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچلىرى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى: پەن – تېخنىكا مىنىستىرى ۋەن گاڭ 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك پەن – تېخنىكا خىزمىتى يىغىنىغا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئاساسلىق يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچلىرى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى سىجىل كۈچىيىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك، پۈتۈن گەۋدىلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىش ئىشقا ئېشىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا زور نەتىجىلەر مەيدانغا كەلدى، پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە كۈچىيىپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن – تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى.

    تۆمۈر ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال، كۆپ فوتونلۇق چىرمىشىش، كۋانت يۇلتۇزى بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش... ھازىر ئېلىمىز دۇنيا بويىچە يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئىلمىي ماقالىلىرىنى كۆپلەپ ئېلان قىلىدىغان ئىككىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى: ئېلان قىلىنغان خەلقئارالىق پەن – تېخنىكا ئىلمىي ماقالە ئومۇمىي مىقدارى 2012 – يىلىدىكىدىن %70 ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 2 – ئورۇنغا ئۆتتى؛ خەلقئارالىق پەن – تېخنىكا ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ پايدىلىنىلىش، ئىشلىتىلىش مىقدارى تۇنجى قېتىم گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ھالقىپ، 2 – ئورۇنغا چىقتى. ھازىر دۇنيانىڭ ئىلىم – پەن تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشماقتا.

    پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2017 – يىلى مەملىكەت بويىچە تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىياتى (R&D) چىقىمى 1 تىرىليون 760 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 2012 – يىلىدىكىدىن %70.9 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ (R&D))چىقىمىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %2.15 بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 15 دۆلەتنىڭ %2.1لىك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن. پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى 2012 – يىلىدىكى %52.2تىن ھازىرقى %57.5كە يېتىپ، دۆلەتلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى رەت تەرتىپىدە 2012 – يىلىدىكى 20 – ئورۇندىن 17 – ئورۇنغا چىققان.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەن گاڭ دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئېلىمىزنىڭ كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە ھوقۇق بېرىش مىقدارى دۇنيا بويىچە 1 – ئورۇندا، ئۈنۈملۈك كەشپىيات پاتېنت مىقدارى دۇنيا بويىچە 3 – ئورۇندا تۇرىدۇ، مەملىكەت بويىچە تېخنىكا توختامى سودا سوممىسى 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يەتتى. مەملىكەت بويىچە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار 136 مىڭدىن ئاشتى، بۇ كارخانىلارنىڭ تەتقىقات – ئېچىش سېلىنمىسى مەملىكەتنىڭ% 50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، 25مىليوندىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىش ۋە ئۇنى ئاكتىپ يېتەكلەشتەك تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368848401