سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار مائارىپقا ياردەم بەردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-11

    جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋېنجۇ شەھىرىدىن ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار يېقىندا ۋېنجۇ شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى، ۋېنجۇ شەھەرلىك ياشلار بىرلەشمىسى ھاۋالە قىلغان 24 مىڭ يۈەنلىك 1270 پارچە كىتابنى باي ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپكە سوۋغا قىلىش بىلەن بىرگە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 21 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 1000 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقاتتى.

    باي ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى دىلرابا ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: ۋېنجۇ شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلار بىزگە ناھايىتى كۆپ ياخشى كىتابلارنى سوۋغا قىلدى، تىرىشىپ ئوقۇپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرىمەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368848381