سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بازار تاپقان «يەرلىك ئايتوقاچ»

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-09

    خېرىدارلار 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى بەس- بەستە ئايتوقاچ سېتىۋالماقتا.

    خوتەن شەھىرى نۇرباغ كوچا باشقارمىسى ئۈرۈمچى شىمالىي يولى مەھەللىسىدە گۈلقاتقات ئايتوقىچى ساتىدىغان بىر دۇكان بار، خۇرۇچى ياخشى، تەمى ئۆزگىچە ئايتوقاچلار خوتەن شەھىرىدىكى نۇرغۇن مېھمانساراي ئالدىن زاكاز قىلىدىغان ئۆزگىچە يېمەكلىككە ئايلاندى.

    2017- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى دۇكانغا كىرگىنىمدە، مودا ياسانغان ئوتتۇرا ياشلىق ئايال خېرىدارلارنى كۈتۈۋاتقان ئىكەن، ئۇ دەل بۇ دۇكاننىڭ مەسئۇلى گۈلجەمىلە ئابدۇغىنى ئىدى. گۈلجەمىلە ئابدۇغىنى كىچىكىدىن تارتىپلا پېچىنە- پىرەنىك پىشۇرۇشقا ھېرىسمەن بولۇپ، پېچىنە- پىرەنىك دۇكىنى ئېچىش ئۇنىڭ ئۇزاق يىللىق ئارزۇسى ئىدى. گۈلجەمىلە ئابدۇغىنى 2007- يىلى ئۇزاقتىن بۇيان يىغقان پۇلىغا پېچىنە- پىرەنىك دۇكىنى ئاچتى. ئەنئەنىۋى ئېسىل يېمەكلىك بولغان ئايتوقاچقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان، ئىش قىلسا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدىغان گۈلجەمىلە ئابدۇغىنى ئەنئەنىۋى بەش خىل مېغىز، پۇرچاق قىيمىسىنى خۇرۇچ قىلىپ، ياڭاق مېغىزى، گۈلقەنت قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلغان ئايتوقاچنى بازارغا سالدى، بۇ ئۆزگىچە ئايتوقاچ خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

    ھازىر گۈلجەمىلە ئابدۇغىنى پىشۇرغان ئايتوقاچلار شۇ جايدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق «داڭلىق ماركا»لىق مەھسۇلاتقا ئايلاندى. ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا: ئايتوقاچلىرىمىز كانادا، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلىۋاتىدۇ، دېدى.

    دۇكاننىڭ سودىسىنىڭ روناق تېپىشىغا ئەگىشىپ، دۇكانغا ھۈنەر ئۆگەنگىلى كېلىدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. گۈلجەمىلە ئابدۇغىنى ھۈنەر ئۆگىنىمەن دەپ كەلگەنلەرگە ھۈنىرىنى قولمۇقول ئۆگەتتى. ھازىر ئۇ تەربىيەلىگەن شاگىرتلارنىڭ 20 نەچچىسى ئۆز ئالدىغا ئايتوقاچ دۇكىنى ئېچىپتۇ.

    گۈلجەمىلە ئابدۇغىنى مۇنداق دېدى: ئايتوقاچ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېسىل يېمەكلىكى، بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئايتوقاچنى ياقتۇرۇپ يەيمىز. ھازىر نۇرغۇن خېرىدارىم دوستۇمغا ئايلاندى، ھەر قېتىملىق تاۋۇز چاغىنىدا ئۇلار مەن پىشۇرغان ئايتوقاچلارنى ئىچكىرىدىكى ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىگە ئەۋەتىدۇ، بۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن.

    گۈلجەمىلە ئابدۇغىنى ھازىر دوستى بىلەن تور دۇكىنى ئېچىپ، ئۆزى پىشۇرغان ئايتوقاچلارنىڭ بازىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.

گۈلجەمىلە ئابدۇغېنى 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى مەھەللىدىكىلەرنى ئايتوقاچ بىلەن يوقلىدى.

دۇكان خىزمەتچىسى 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنى ئايتوقاچلارنى توشۇماقتا.

دۇكان خىزمەتچىسى 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى ئايتوقاچ پىشۇرماقتا.

دۇكان خىزمەتچىسى گۈلقەلەم 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنى تاللا بازىرىدا مال سېتىۋالماقتا. گۈلقەلەمنىڭ ئايلىق كىرىمى 2500 يۈەن بولۇپ، ئۇمۇ ئۆز ئالدىغا ئايتوقاچ دۇكىنى ئېچىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

دۇكان خىزمەتچىسى 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى ئىچكىرىگە ئەۋەتىلىدىغان ئايتوقاچلارنىڭ تېز يوللانما تالونىنى سېلىشتۇرماقتا.

گۈلجەمىلە ئابدۇغېنى 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى سودىگەر مەمتىمىن رەجەپ بىلەن ئايتوقاچنىڭ توردا سېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

گۈلجەمىلە ئابدۇغېنى 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى دوستلىرى بىلەن بىللە مەھسۇلاتنىڭ يېڭى ئورۇمىسىنى لايىھەلىمەكتە.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368827731