سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچىدە ئەڭ چوڭ كۆلەمدە قاتناش تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-09

    مۇخبىرنىڭ 5-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىردىن باشلاپ دائىملىققا ئايلانغان قاتناش تەرتىپىنى تۈزەش ئاساسىدا كۈنىگە بىر ئاساسىي تېمىدا مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، قاتناشنى ئۇنىۋېرىسال تۈزەش ھەر كۈنى ئوخشىمىغان تېمىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ھەركۈنى سائەت 22:00 دىن 24:00 گىچە، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، نورمىدىن ئارتۇق مال بېسىش، چەكتىن ئاشقان سۈرئەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش، ساختا نومۇر تاختىسى ئىشلىتىش، نومۇر تاختىسىسىز، پىراۋىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار مەخسۇس تۈزىتىلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368827431