سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر-يېزا مەكتىپى ئۆسمۈرلەر سارىيىدىن 252نى قۇردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-09

    مۇخبىرنىڭ 5-نويابىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى نۆۋەتتە شەھەر-يېزا مەكتىپى ئۆسمۈرلەر سارىيىدىن 252نى قۇرۇپ، ئۆسمۈرلەر سارىيىنىڭ شەھەر، يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنى %100 قاپلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

    جىڭجۈ تىياتىرى، قەغەز كېسىش ... شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 80-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۆسمۈرلەر سارىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىش يىغىنىدا، ھەر قايسى كۇرسلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى، ھۈنەر كۆرسىتىش، ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەزكۇر ئۆسمۈرلەر سارىيىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.

    شەھەر-يېزا مەكتىپى ئۆسمۈرلەر سارىيى دېگىنىمىز مەكتەپتىكى مەيدان، سىنىپ ۋە ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىپ، زۆرۈر بولغان ئۈسكۈنە ۋە سايمانلارنى سېتىۋېلىپ، خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە جەمئىيەتتىكى پىدائىيلارغا تايىنىپ باشقۇرۇپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ۋە بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى ھەقسىز ئۇيۇشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368827411