سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى شەھىرى ئىت مۆچىلى ئالاھىدە پوچتا ماركىسىنى تارقاتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-09

    «ئىت يىلى» ئالاھىدە پوچتا ماركىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى 5-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا يىغىپ-ساقلاش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، مەزكۇر پوچتا ماركىسى بىر يۈرۈش ئىككى دانە بولۇپ، بىر يۈرۈشىنىڭ قىممىتى 2.4 يۈەن.

    جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تارماق شىركىتى خىزمەتچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018-يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە ۋۇشۈي يىلى يەنى ئىت يىلى ئىكەن. 1980-يىلدىن باشلاپ ھەر 12 يىلدا بىر نۇسخا مۆچەل پوچتا ماركىسى بېسىلىپ كېلىنگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى 4-نۇسخا ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368827401