سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«قىيىنچىلىقنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە ھەل قىلىمىز»

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-09

    «مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئۆز ئىختىيارىم بىلەن كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيەنىڭ نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىمەن...» ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن 3- تۈركۈمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان كادىرلار بىلەن ئۇلار بارغان ئۈچ كەنتتىكى 150 دېھقان پارتىيە ئەزاسى 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسىنىڭ بەشتېرەك كەنتى ئاھالىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلاپ، «يالقۇنلۇق يىللار» نى ئەسلىدى.

    «پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلاپ، يالقۇنلۇق يىللارنى ئەسلەش» پائالىيىتىگە قاتناشقان پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدە 40 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەگە يېڭىدىن ئەزا بولغانلار بار ئىدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەت توغرىسىدا بەھۇزۇر سۆزلەشتى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تەنتەنىلىك قەسەم بەرگەن چاغدىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئەسلىدى، يېڭى پارتىيە ئەزالىرى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى، كادىرلار مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۈچ تۈركۈمدە كەنتلەرگە بېرىپ، ئامما بىلەن بىللە غىزالاندى، ئامما بىلەن بىللە ئەمگەك قىلدى، تەسىرلىك ھېكايىلەر قەلبلەرنى ئىللىتتى.

    دۆلەت بايرىقى ئاستىدا تەشۋىق قىلىش، كەچلىك كۇرستا قىزىل ناخشا ئېيتىش، پارتىيە ئەزالىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، دېھقانلار بىلەن ھال- مۇڭلىشىش... كادىرلار ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «زاغرا» تىل بىلەن تۇغقانلىرىغا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى، كەلگۈسىدىكى گۈزەل تۇرمۇش توغرىسىدا مۇڭداشتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدىكى تەشۋىقات قاراتمىلىق بولۇشى، دېھقانلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك. دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە كىرىش ئاددىيلا تىزىملاش، پاراڭلىشىش ئەمەس. سەمىمىي، چىن ھېسسىيات بىلەن دېھقانلارنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك. مېھماندەك ئولتۇرۇۋالماي، تاماق ئېتىش، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىش كېرەك.

    «تۇغقانلار بىز كەلدۇق. قانداق كۆڭۈل سۆزۈڭلار، پىكىر- تەكلىپىڭلار بولسا ئاڭلايمىز، قانداق قىيىنچىلىقىڭلار بولسا بىللە ھەل قىلىمىز». مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسىنىڭ پىلال كەنتىگە بارغان ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدا تۇغقانلىرىغا مۇشۇنداق ۋەدە بەردى.

    ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى شىن بىن مۇنداق دېدى: مەن يېزىدا چوڭ بولغان، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئوبدان بىلىمەن، بىراق دائىم ئىشخانىدا ئولتۇرۇۋېرىپ، بۇ ئىشلارنى قىلمىغىنىمغا ئۇزاق بوپتۇ.

    ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرلىرى كەنتتە تۇرغان كۈنلەردە دېھقانلارغا ياردەملىشىپ، قوتاننى رېمونت قىلىش، چارۋا ماللارغا يەم بېرىش، كۆممىقوناق ئاقلاش، يەم- خەشەك تەييارلاش قاتارلىق ئىشلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىلدى.

    «چوڭ ئانا، بىز ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى <تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى> پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلدۇق، بىرىنچىدىن، سىلىنى يوقلايمىز، ئىككىنچىدىن، ئىشلىرىڭىزغا ياردەملىشىپ بېرىمىز. بۇنىڭدىن سىرت، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەيمىز». ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرلىرى تۇغقانلىرىغا ياردەملەشكەندىن سىرت، مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماي، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئامما بىلەن پاراڭلىشىش، ئالاقىلىشىش ئارقىلىق كەنت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

    ئاممىۋى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، مول مەزمۇنلۇق بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش...گەرچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى يەتتە كۈن بولسىمۇ، بىراق كۆپچىلىك كۆپ ھاسىلاتلارغا ئېرىشتى. 90- يىللاردا تۇغۇلغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى دىڭ يى مۇنداق دېدى: مەشتە گۈرۈلدەپ ئوت كۆيدى، ئىسسىق تاماقلار ئېتىلدى، بۇئايشىخان چوڭ ئانىنىڭ غەمخورلۇقىدا پىلال كەنتىدە تۇرغاندا سوغۇق ھېس قىلمىدۇق، قەلبىم ئىللىقلىققا تولدى.

    ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى ۋاڭ جىنخۇ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسىنى تاماملاش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا يېتىش زىممىمىزگە يۈكلەنگەن ئېغىر مەسئۇلىيەت، ھەربىرىمىز بۇنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

    دېھقان مەريەمگۈل ئەمەت مۇنداق دېدى: يېقىنقى نەچچە يىلدا كەنتتە زور ئۆزگىرىش بولدى، بۇلار پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنىڭ نەتىجىسى! پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى بىزگە يېڭى خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368827291