سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-09

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.

    قىش پەسلىدىكى دياۋيۈتەي شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن بولۇپ، گۈزەل، پاكىز، شۇنداقلا ئادەتتىن تاشقىرى جىمجىت ئىدى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا چوڭقۇر سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە شانلىق تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەتلەردۇر. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن زۇڭتۇڭ ماكرون جانابلىرى ئاسىيادىكى تۇنجى زىيارىتىدە جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى نامايان قىلدى. فىرانسىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەربتىكى چوڭ دۆلەت. 1964 – يىلى رەئىس ماۋ زېدۇڭ بىلەن گېنېرال دېگول ئاجايىپ سىياسىي يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى توغرىسىدا تارىخىي قارار چىقىرىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەنىدى، بۇ شۇنداقلا ھەم بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋردە بىز داۋاملىق تارىخقا مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن توغرا يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈشىمىزكېرەك.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىل مەۋجۇت، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، فىرانسىيەمۇ ئوخشاش قاراشتا. ئىككى دۆلەت ئىجتىمائىي تۈزۈم، تەرەققىيات باسقۇچى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىكى پەرقلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قازسا بولىدۇ. جۇڭگو ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، فىرانسىيە بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن زور خەلقئارا مەسىلىلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئېتىبار بېرىدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورتاق تىرىشىدۇ. يېڭى دەۋردە جۇڭگو – فىرانسىيە مۇناسىۋىتىدە نى – نى نەتىجىلەر ۋۇجۇدقا كەلگۈسى.

    ماكرون مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتتە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن فىرانسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە زور خەلقئارا مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشىنى كۈچەيتىپ، فىرانسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتى، ياۋروپا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئىنتايىن مۇھىم، فىرانسىيە بۇنىڭغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشنى خالايدۇ. فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ فىرانسىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى ئابىدە بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

    رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى ۋە زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ رەپىقىسى برىجىت قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368827031