سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

لوپنۇردىن پەۋقۇلئاددە چوڭ كالىي تۇزى كېنى بايقالدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-09

    لوپنۇردىن يەنە پەۋقۇلئاددە چوڭ كالىي تۇزى كېنى بايقالدى. مۇخبىرنىڭ 7-يانۋار دۆلەتلىك گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ كان بايلىقى مەنبەسى تەتقىقاتخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، لوپنورنىڭ شىمالىدىكى چوڭقۇر كالىي مەنبەسىدىكى كالىيلىق تۇز 250 مىليون توننىغا يېتىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، كالىي تۇزى مەملىكىتىمىزدە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان كان بايلىقى بولۇپ، كالىيلىق ئوغۇت ئاشلىق، تاماكا، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىنىڭ مىقدارىنىڭ ئېشىشى، سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. كۆپ يىلدىن بېرى، مەملىكىتىمىزنىڭ كالىي تۇزى بايلىقى ئاساسلىقى چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ چايدام ئويمانلىقىغا مەركەزلەشكەن، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون توننىدىن ئاشقان، مەملىكەت ئىچىدىكى پۈتۈن يىللىق ئېھتىياجنىڭ %25 ىنى تەمىنلەپ كەلگەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368801891