سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹شەھەر بىخەتەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››نى بېسىپ تارقاتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-08

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹شەھەر بىخەتەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››نى بېسىپ تارقىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال، ھەر تەرەپلىمە، سىستېمىلاشقان شەھەر بىخەتەر تەرەققىيات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

    دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پىكىرگە ئاساسەن، 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىياتتا بىخەتەر بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك شەھەرلەر بەرپا قىلىنىدۇ؛ 2035 – يىلىغا بارغاندا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ماس كېلىدىغان تەرەققىياتتا بىخەتەر شەھەرلەر ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇلىدۇ؛ سىستېمىلىق، زامانىۋىلاشقان شەھەرلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەركىزىي شەھەر رايونىنى ئاساس قىلغان، ئەتراپتىكى رايون، ناھىيە، يېزىلارغا، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، بىخەتەر تەرەققىيات تىپىدىكى شەھەرلەر تېزدىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

    بۇ مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەھەر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانى ۋە شەھەر پىلانى، شەھەر ئۇنىۋېرسال ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش پىلانى قاتارلىق مەخسۇس پىلانلار قاتتىق، ئىنچىكە تۈزۈلۈپ، ئاھالىلەر تۇرمۇش رايونى، سودا رايونى، ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، سانائەت رايونى، پورت رايونى ۋە باشقا فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا بىخەتەرلىك ئالدىنقى شەرت قىلىنىدۇ؛ شەھەرلەردىكى كەپە ئۆي رايونى، شەھەر ئىچىدىكى كەنت ۋە خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، شەھەرلەردە شەھەر رايونى قۇرۇش جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپ قۇرۇلۇشلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ خەتەرلىك كەسىپتىكى كارخانىلارنىڭ شەھەرلەردىن چېكىنىپ سانائەت رايونىغا كىرىشى، كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىلىشى ۋە چېكىنىپ كەسپىنى ئۆزگەرتىشىنى قوللاش، مۇكاپاتلاش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

    بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق كۆرسەتتى: شەھەرلەر بىخەتەرلىك خەۋپ – خەتەر ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش، كۆپ يولۇچىلار ئېقىمىنى كۆزىتىشتىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، ئۇنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى قۇرۇش؛ ئېلان تاختىسى، لامپۇچكا ئورنىتىلغان ساندۇق ۋە بىنانىڭ سىرتىدىكى يېپىشما ماددىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋە چۈشۈپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش؛ كونا شەھەر رايونىدىكى ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېگىز بىنالاردا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى باشقۇرغۇچىسى ياكى بىنا باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

    بۇ مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: شەھەرلەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز رايونىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىرىنچى مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار ئارىسىدىكى خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ كۆچمە قانۇن ئىجرا قىلىش تېرمىنالى، ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپ قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

    بۇ مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىدا ئاسان ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى پەيدا قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرماسلىق بىرلەشمە تەنبىھ بېرىش ‹‹قارا تىزىملىك››كە كىرگۈزۈپ باشقۇرۇپ، شەھەرلەردىكى مەھەللىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى تورلاشتۇرۇش خىزمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىخەتەر تەرەققىياتتىكى بىخەتەر نەمۇنىلىك شەھەرلەرنى باھالاش ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولۇپ، ‹‹دۆلەت تەرەققىياتتا بىخەتەر نەمۇنىلىك شەھەرلەر››گە نام بېرىش ياكى نامىنى بىكار قىلىش تىزىملىكىنى تۈزۈشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368802341