سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2018-يىللىق تۇنجى قېتىملىق تەقلىدىي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 25-يانۋار ئېلىنىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-08

    2018-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەقلىدىي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 25-يانۋار باشلىنىپ، 27-يانۋار ئاياغلىشىدۇ. بۇ جەرياندا «تىل-ئەدەبىيات»، «ماتېماتىكا»، «ئېنگىلىزتىلى» / «خەنزۇتىلى»، «فىزىكا»، «خىمىيە»، «بىئولوگىيە»، «سىياسىي قانۇن»، «تارىخ»، «جۇغراپىيە» قاتارلىق توققۇز پەندىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ 7-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تولۇق 3-يىللىقلاردىن ئېلىنىدىغان 1-، 2-قېتىملىق تەقلىدىي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزى بىر تۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويىدىكەن؛ 3-قېتىملىق تەقلىدىي ئىمتىھان ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان مەركىزىنىڭ تەلىپى بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزى باھالاش، ئىستاتىستىكا قىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە خىزمەت ئىنكاس قىلىشقا مەسئۇل بولىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، 2-قېتىملىق تەقلىدىي ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 29-مارت، 30-مارت كۈنلىرى، 3-قېتىملىق ئىمتىھان 2-ماي، 3-ماي كۈنى ئېلىنىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368802221