سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-08

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 1- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتگۇرۇپپا(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ، بىزنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم مىزانىمىز، شۇنداقلا سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئاساسىمىز. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، كۆزلىمە نىشانى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە ئاساسىي ۋەزىپىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەش، بولۇپمۇ «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىش، «توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى چىڭ تۇتۇش، «بىر ياخشى مۇھىت» يارىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، بولۇپمۇ ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى پۇختىلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىش، ئەلئارا سېلىنمىنى ئاشۇرۇش، تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆگىنىش- ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىنىڭ تەشكىلىي، تەييارلىق خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئورگان پارتگۇرۇپپىسى تەلەپچان بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ كونكرېت ھالقىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدىن تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىنى ياخشى ئېچىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئورگان ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي تۈزىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان «ئوننى ياخشىلاش، ئونغا يول قويماسلىق» تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە، يېڭى ئىستىلنى تىرىشىپ نامايان قىلىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، يۈ شيۇدۇڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، باش كاتىپ خەن جۈن يىغىنغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368802211