سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-08

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگان كادىرلىرى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر يىغىنى ئاچتى

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 1- ئاينىڭ 5- كۈنى ئورگان كادىرلىرى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە يەتكۈزدى، يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ـــ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ نادىر ئەسىرى بولۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشكە يېتەكلەشتىكى تۈپ مىزان. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى زىچ چۆرىدىلىپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىدە ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئومۇمىي تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى كۆزلىمە نىشان، شۇنداقلا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي پىرىنسىپ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىش، «توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى چىڭ تۇتۇش، «بىر ياخشى مۇھىت» يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئورگاندىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، بارلىق كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى، شۇنداقلا ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بۇ يىللىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار ساھەلەرگە دائىر نىزام چىقىرىش سالمىقىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئالدىنقى قارارلىق دائىمىي كومىتېت ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. دائىمىي كومىتېت ئورگىنى بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەييارلىق قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ، ئورگاندىكى ھەر قايسى تارماقلار، بارلىق كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتى بويىچە ئىش تەقسىملەپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي، ئىنچىكە ئىشلەپ، يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە خادىم ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېغىر نامرات كەنتلەرگە بىرىنچى شۇجى ئەۋەتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ يۇڭمىڭ، دائىمىي كومىتېتنىڭ باش كاتىپى ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368802201