سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى كەم–كۈتسىز ئورۇنداش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-08

    ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1–يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى :

    تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى كەم–كۈتسىز ئورۇنداش كېرەك

    ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 1 – قېتىم يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش لايىھەسى تۈزدى ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى كەم –كۈتسىزئورۇنداش كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. جايلار، تارماقلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت، قەتئىي نىيەت، ئاكتىپ پوزىتسىيە، قاتتىق تەلەپ بىلەن تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈزىتىشنى ۋاقتىدا، سۈپەتلىك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جايلار، تارماقلار ۋاقىتنى، نۇقتىلارنى توغرا ئىگىلەپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈشى كېرەك. مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە تىزىملىكىنى چىقىرىپ، مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك. تۈزىتىش ۋاقىت جەدۋىلى، ئىش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسىلە تىزىملىكىنى ۋەزىپە تىزىملىكىگە، مەسئۇلىيەت تىزىملىكىگە ئايلاندۇرۇپ، تۈزەتكەنلەرنى بىر – بىرلەپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجراسى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىش كېرەك. جايلار، تارماقلار تۈزىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى تېزدىن قۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى، مەسئۇل يولداشلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىشى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكىلەر مەخسۇس تۇتۇشى، تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىشتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، تۈزىتىش تەدبىرلىرى كۈچلۈك بولمىغان، دەل جايىدا تۈزەتمىگەن، ئەپلەپ – سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن، ساختىپەزلىك قىلغان، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ماسلاشتۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ‹‹بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات›› ئىدىيەسىنى، تۈزىتىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368802191