سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بېكىتىش ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش–داۋالاش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-08

    ئاپتونوم رايونىمىز ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش–داۋالاش كېسەللىك تۈرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

     يۇقىرى قان بېسىم، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى قاتارلىقلارنى يېزا – بازارلىق شىپاخانا، مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت پونكىتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا داۋالىغىلى بولىدۇ؛ ئۆپكە ياللۇغى، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى، ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىقلارنى ھەر قايسى 2 – دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلاردا داۋالىغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 1 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش – داۋالاش كېسەللىك تۈرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، تىزىملىكنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بېكىتىشنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

    تىزىملىككە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون بويىچە 2 – دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش – داۋالاش كېسەللىك تۈرى تىزىملىكى دائىم كۆرۈلىدىغان 603 خىل كېسەللىك، كۆپ كۆرۈلۈىدىغان كېسەللىكلەرنى؛ ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرى(جۈملىدىن مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت ئاپپاراتى، يېزا – بازارلىق شىپاخانا، كەنت شىپاخانىسى ۋە 1 – دەرىجىلىك، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن تۆۋەن جەمئىيەت باشقۇرۇشىدىكى داۋالاش ئاپپاراتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ دىياگنوز قويۇش – داۋالاش كېسەللىك تۈرى، دائىم كۆرۈلىدىغان 81 خىل كېسەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىزىملىك خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن قەرەلسىز تەڭشىلىدۇ ۋە تولۇقلىنىدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالاش ئىشلىرى، داۋالاشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان دىياگنوز قويۇش – داۋالاش كېسەللىك تۈرى تىزىملىكى پايدىلىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ھازىر 2 – دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش – داۋالاش كېسەللىك تۈرلىرى ئايرىلدى، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى دىياگنوز قويۇش – داۋالاش كېسەللىك تۈرى دائىرىسىگە ئاساسەن تەپسىلىي رەتلەپ، دائىرىدىن ھالقىپ داۋالاشقا قوبۇل قىلىنىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدۇ ياكى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تارقاقلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىياگنوز قويۇش – داۋالاش ئىقتىدارى جەھەتتە يەنە نۇقسان بار – يوقلۇقىنى ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ، داۋالاش شەرتى ھازىرلىمىغانلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە مەخسۇس كېسەللىكلەر ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا زورايتىدۇ. 3 – دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنىڭ دىياگنوز قويۇش – داۋالاش كېسەللىك تۈرلىرى مۇرەككەپ ۋە تۈرى كۆپ بولغاچقا، بۇ قېتىمقى پايدىلىنىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىدى.

    ليۇ شياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تىزىملىك بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، 3 – دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بېكىتىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، جىددىي، خەتەرلىك ۋە ئېغىر كېسەللىك، مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەللىككە دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغۇچىلار تەدرىجىي تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، مەشغۇلات ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدىكەن. 2 – دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارمۇ تىزىملىككە ئاساسەن ئۆزىنىڭ دىياگنوز قويۇش – داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ماس دىياگنوز قويۇش – داۋالاش مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىكەن.

    ئىگىلىشىمچە، دىياگنوز قويۇش – داۋالاش كېسەللىك تۈرى تىزىملىكىنى ئىجرا قىلىشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ئالاقىدار تارماقلار داۋاملاشما سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت نىسبىتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دەرىجە بويىچە دىياگنوز قويۇش – داۋالاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368802141