سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قىشلىق ساياھەت يەرمەنكىسى 12-يانۋاردىن 14-يانۋارغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-08

    12-نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت يەرمەنكىسى 12-يانۋاردىن 14-يانۋارغىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت يەرمەنكىسىدە 200 مىڭ دانە بېلەت ھەقسىز تارقىتىلىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت يەرمەنكىسىدە ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئىستېمالى سارىيى، ساياھەت مەنزىلى سارىيى، شىنجاڭ قار-مۇز ساياھەت سارىيىدىن ئىبارەت ئۈچ ساراي تەسىس قىلىنىدىكەن. كۆلىمى 18 مىڭ 470 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 792 ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىم مالايشىيا، ھىندۇنېزىيە، تايلاند، برۇنېي، سىنگاپور، ۋىيېتنام، كامبودژا قاتارلىق جايلاردىكى سودىگەرلەر تۇنجى قېتىم ئۆمەك تەشكىللەپ، بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368802091