سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭنىڭ ئۈچ خىل چارۋا-مال، ئۆي قۇشلىرى دۆلەت دەرىجىلىك ئىرسىيەت بايلىقىغا ئىلتىماس قىلىندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-08

    پامىر قوتىزى، كېرىيە تادورنا ئۆردىكى، ئونسۇ قارا توخۇسىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئىرسىيەت بايلىقى قاتارىغا كىرىشىدە ئۈمىد بار.

    مۇخبىرنىڭ 5-يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق باش پونكىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىككى يىل بۇرۇنلا تەييارلىق خىزمەتلەرنى باشلىغان بولۇپ، بۇ ئۈچ خىل ئىرسىيەت بايلىقىنى دۆلەتلىك چارۋا-مال، ئۆي قۇشلىرىنىڭ ئىرسىيەت بايلىقىغا باھالاشقا ئىلتىماس قىلغان. 2017-يىلى دۆلەتلىك چارۋا-مال، ئۆي قۇشلىرى ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسىسسلىرى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا باھالاش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.

    ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىرسىيەت بايلىقى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن پەقەت 153 تۈر بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن ئالتە خىلى بار ئىكەن. تىزىملىككە كىرگۈزۈلگىنى ئاساسلىقى ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش گىردابىغا چۈشۈپ قالغان تۈرلەر ئىكەن. تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۈنۈملۈك ھالدا بۇ تۈر مەنبەسىنى كۆپ بايقىغىلى، ئۇلارنىڭ مەڭگۈ يوقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368802071