سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تارىم نېفىتلىكى تاشلىنىپ قالغان 61 نېفىت قۇدۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-08

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 1 – ئاينىڭ 4 – كۈنى جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، قۇرۇلۇش تېخنىكلىرىنىڭ ئىلمىي ‹‹ئوپېراتسىيە›› قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇزاقتىن بۇيان تاشلىنىپ قالغان 61 نېفىت قۇدۇقى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تەبىئىي گاز مىقدارى 150 مىليون كۇب مېتىر، نېفىت مىقدارى 87 مىڭ توننىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇلغان.

    تاشلىنىپ قالغان قۇدۇق دېگىنىمىز ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغىنىغا ئالتە ئايدىن ئاشقان سۇ بېرىش قۇدۇقى، نېفىت ئېلىش قۇدۇقى ياكى گاز ئېلىش قۇدۇقىنى كۆرسىتىدۇ، كۆپىنچىسى يەر قاتلىمى ئېنېرگىيەسى يېتىشمەسلىك، سۇ تەركىبى يۇقىرى بولۇش، يەر قاتلىمى قۇم – شېغىل بولۇش ياكى كالۇن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى، قۇدۇق ئىچىگە بىرەر نەرسە چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ نېفىت – گاز ئۈنۈمىنى ئېچىشتىكى كەمتۈكلۈك ئىدى. 2017 – يىلى تارىم نېفىتلىكى نېفىت – گاز قۇدۇقلىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ تېخنىكىلىق تەدبىر قوللىنىپ، ئۇزاقتىن بۇيان تاقىلىپ قالغان قۇدۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، گاز كۆپەيتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. ھازىر مۇشۇنداق نېفىت – گاز قۇدۇقىدىن 61ى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

    تارىم نېفىتلىك شىركىتى ئېچىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ رۇجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەسلىگە كەلتۈرگەندە، يېڭىدىن قۇرۇشقا كېتىدىغان تەننەرخنىڭ يېرىمىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. 61 نېفىت – گاز قۇدۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈندىلىك نېفىت قېزىش مىقدارى 40 توننىلىق يۇقىرى مەھسۇلاتلىق ئون نېفىت قۇدۇقىنى ۋە كۈندىلىك گاز ئېلىش مىقدارى 100 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدىغان ئون تەبىئىي گاز قۇدۇقىنى يېڭىدىن قازغانغا باراۋەر.

    تارىم نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم گاز مەنبەسىنىڭ بىرى، 2017 – يىلى تارىم نېفىتلىكى 5 مىليون 201 مىڭ توننا نېفىت، 25 مىليارد 260 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقارغان، نېفىت – گاز مەھسۇلات ئېكۋىۋالېنتى تۇنجى قېتىم 25 مىليون توننىدىن ئاشقان. پىلانغا ئاساسەن، تارىم نېفىتلىكى كەلگۈسى ئۈچ يىلدا يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 30 مىليون توننىدىن ئاشىدىغان چوڭ نېفىتلىك – گازلىق رايونى، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 30 مىليارد كۇب مېتىرلىق چوڭ تەبىئىي گازلىق رايونى قۇرىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368802041