سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشى، ئومۇميۈزلۈك سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-08

    ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتى دوكلاتىنى باھالاش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى

    ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتى دوكلاتىنى باھالاش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشى، ئومۇميۈزلۈك سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇشىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش ھەم پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتى دوكلاتىنى باھالاشنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    يىغىندا توققۇز ئالىي مەكتەپنىڭ پارتكوم شۇجىسى ئالىي مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، 12 ئالىي مەكتەپنىڭ پارتكوم شۇجىسى خىزمىتىدىن يازما دوكلات بەردى. يىغىنغا يەنە مائارىپ سىستېمىسىدىكى بىر قىسىم پارتىيە ۋەكىلى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ۋەكىلى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش ئەھۋالىنى باھالىدى.

    لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە يۇقىرى دەرىجىدە تۈرتكە بولۇشى بىلەن، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى دەل جايىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى تېخىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى كەيپىياتىنى كۈنسايىن قويۇقلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى بارغانسېرى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يەنە بىر قىسىم سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرى بۇ قېتىمقى خىزمەتتىن دوكلات بېرىشنى باھالاش مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تېخىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشى كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ باش تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆتكە بويسۇنۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتنى ياخشى باشقۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش›› تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. پارتكوم خىزمىتىنىڭ ئايلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش سۇبېيكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ شەكىلگە ئايلىنىپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئورگانىك يۇغۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىدىكى ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەر پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك.

    لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: تەشكىللەش كۈچىنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي رولىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ كۈچى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368802021