سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

 ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياسىلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-08

    ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ۋەندا مەيدانىدا تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان، خېرىدارلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئەسلىدە بار بولغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرى شەھەر ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمىغان. ۋەندا ئەتراپىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەندا مەيدانى ئەتراپىدىكى ئالى تېغى كوچىسىغا يېڭىدىن ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىن بىرى ياسىلىدىغان بولۇپ، 1000 ئاپتوموبىلنى توختاتقىلى بولىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى مۇھىت ئاسرايدىغان، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىدارغا ئىگە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى بولۇپ، ئۇنىڭ يېشىللاشتۇرۇش، كۆپ ئاپتوموبىلنى توختىتىش ئىقتىدارى بولغاندىن سىرت، ئىشلىتىش مۇددىتىمۇ ئادەتتىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىدىن ئۇزۇن بولىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368745511