سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قاتنايدىغان بەزى پويىزلارنىڭ بېلىتى ئىككى سائەتتە سېتىلىپ بولدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-08

    چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنى ھېسابلانغان 1-فېۋرالنىڭ پويىز بېلىتىنى سېتىش خىزمىتى 3-يانۋار رەسمىي باشلاندى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريول ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت مەركىزى «12306» تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى چوڭ شەھەرلەرگە قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ بېلىتى ئىككى سائەتتىلا سېتىلىپ بولغان.

    ھازىر پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول پويىز بېلىتىنى ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفوندا ئالدىن سېتىۋېلىش ۋاقتى 30 كۈن بولۇپ، شۇنىڭغا قارىتا يولۇچىلار 1-فېۋرالدىكى چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى پويىز بېلىتىنى 3-يانۋار سېتىۋالغان. ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئۈرۈمچى ۋوگزالى ۋە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفوندا بېلەت زاكاز قىلىپ سېتىش ئەتىگەن سائەت 8:30 دا، شىنجاڭنىڭ ئىچىدىكى باشقا ۋوگزاللاردا 9:00 دىن باشلىنىدىكەن.

    چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، شىنجاڭدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ مۇساپىسى ئۇزۇن، ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، يولۇچىلار كارىۋاتلىق پويىز بېلىتىگگ بەكرەك ئېھتىياجلىق ئىكەن. شىنجاڭنىڭ ئىچىدە قاتنايدىغان پويىزنىڭ بېلىتى ئاساسەن تولۇق بولۇپ، بىر ھەپتە بۇرۇن زاكاز قىلسىلا ئالغىلى بولىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368745491