سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاممىۋى خىزمەتنى ئەستايىدىل، پۈتۈن ھېسسىيات بىلەن كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-08

    جۇ خەيلۇن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى:

    ئاممىۋى خىزمەتنى ئەستايىدىل، پۈتۈن ھېسسىيات بىلەن كۈچەپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن 1 – ئاينىڭ 4 – كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى باشتىن – ئاخىر كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما بىلەن تەڭ ئىشلەپ، ئامما بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

    قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېڭىشەھەر بازىرى كونا بازار كەنتىدىكى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىدە، يېزا – كەنتنىڭ تۆت كادىرى خىزمەت بىلەن ئالدىراش ئىدى. جۇ خەيلۇن ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىشى كۆپ ھەم مۇرەككەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىدۇ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق زامانىۋى تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇچۇرلارنى ئىستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، قول سېلىپ ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

    كەنت ئاھالىسى نۇرئەمەت تۇردىنىڭ ئۆيىدە، ئوچاقتىكى ئوت يالقۇنجاپ تۇراتتى. نۇرئەمەت تۇردى بىلەن خوتۇنى نەۋرىسىنى ئوينىتىۋاتاتتى. جۇ خەيلۇن نۇرئەمەت تۇردنىڭ كىچىك دۇكاندىن بىرنى ئېچىۋالغانلىقى، بىر كۈندە ئاز دېگەندە 150 يۈەن كىرىم قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا يەر تېرىغان كىرىمىنى قوشقاندا، بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇرمۇشىنىڭ خېلى ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بىلدى. جۇ خەيلۇن ئۇنىڭدىن ئائىلىسىدە قانداق قىيىنچىلىق بارلىقى، ئەگەر قىيىنچىلىقى بولسا ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلارنى ئىزدەش كېرەكلىكى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ياكى كەنت كادىرلىرىنىڭ جەزمەن ئامال قىلىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    جۇ خەيلۇن مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك كادىرلار چىن ھېسسىياتى ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن ئەلرايىنى ئىگىلىشى، ئەلنىڭ غېمىنى يېيىشى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشى، ئەستايىدىل بولۇپ، پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن كۈچەپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ بېرىشى كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ـــ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشتىكى مۇھىم خىزمەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەشتىكى كۈچلۈك تۇتقا، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى زۆرۈر تەلەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قەتئىي تەۋرەنمەستىن بۇ خىزمەتنى ئىزچىل داۋاملىق قانات يايدۇرۇشى، ئۇزاققىچە چىڭ تۇتۇپ بوشاشتۇرماسلىقى، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى، پائالىيەتنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قاتارلىق كەنت دەرىجىلىك خىزمەت كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە، ھۆددىگە ئالغان ئائىلىلەرگە كىرىپ ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشى، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى، ئىدىيەۋى كەيپىياتىنى ئوڭشاپ، كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يېشىشى، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىدىن مىننەتدار بولۇشقا، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشى كېرەك. جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى چوڭقۇر ئىگىلىشى، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىشى، ئاممىنىڭ ئىدىيە – ھەرىتىنى بىلىشى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن ۋاقتىدا ئالاقە قىلىپ ۋە ئەھۋالنى ئۇلارغا مەلۇم قىلىپ، تۈرلۈك زىددىيەت، تالاش – تارتىشلارنى يېزا – كەنتتە ھەقىقىي تۈگىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368745441