سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

كۆڭۈللەر يېقىنلاشتى، چىن ھېسسىيات ئۇرغۇپ تاشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-08

    ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىم (1)

    «كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىسىنىڭ تومئېرىق كەنتىدىن ئايرىلىپ، ئىنىم سەمەت يۈسۈپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپلا، ئىنىمنىڭ قىزغىن تەبەسسۇمىنى، ئىنىمنىڭ سىڭلىسى ئوخشىتىپ ئەتكەن لەڭمەننى، ئىنىم بىلەن مۇڭدىشىپ ياتقان كاڭنى سېغىنىشقا باشلىدىم...» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ كادىرى دۇڭ چېڭپىڭ ئۈرۈمچىگە قايتقاچ، پويىزدا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن كۈندىلىك خاتىرە يېزىۋاتاتتى.

    ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تۇغقانلاشقان كادىرلار يۈك- تاقلىرىنى، سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى. ئۇلار دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىدە غىزالاندى، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، ئۆزلىرىنى خۇددى ئۆز ئۆيىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىشتى. تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدىكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان مەشتىكى ئۆت، قىزىق چاي، پاكىز يوتقان- كۆرپىلەر تۇغقانلاشقان كادىرلارنى تەسىرلەندۈردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تۇغقانلارنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

    چۈشىنىش چوڭقۇرلاشتى، خىزمەت يۆنىلىشى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى

    بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرى زومودون كەنتىدىكى راخمانجان ساۋۇت 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى بورتالا شەھەرلىك تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى شيۇڭ گوفېڭ بىلەن بىرلىكتە خېمىر يۇغۇرۇپ، نان ياقتى. «تاللا بازىرىمنىڭ كۈنلۈك ساپ كىرىمى 100 يۈەندىن ئاشىدۇ، يىلدا 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن، بۇ يىل ئۆيۈمنى قايتا بېزەپ ئوڭشىۋالدىم، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ»، دېدى راخمانجان ساۋۇت. شيۇڭ گوفېڭ: «بىز بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەنمىز، تۇغقانلىرىمىزغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بىرىمىز»، دېدى.

    قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ كادىرى خۇ رولىن تۇغقىنىنىڭ قىزىنىڭ ياتلىق بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن سوۋغات ئېلىپ كېلىپ بەخت تىلىدى. «تويغا كەلگىنىڭلاردىن بەڭ خۇشال بولدۇق». تۇغقانلىرى خۇ رولىن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنى ناغرا- سۇناي ساداسى ئىچىدە ئۆيگە باشلىدى. كۆپچىلىك كاڭدا ئولتۇرۇپ، ئەتكەنچاي ئىچكەچ پاراڭلاشتى، ناخشا ئېيتىشىپ توي خۇشاللىقىغا جور بولۇشتى.

    ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئەكبەر مۇرات چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن: بۇ قېتىم تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش جەريانىدا، كەچتە كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ سىرداشتۇق، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىمىزنىڭ پارىڭىنى قىلىشتۇق، دېيىشمىگەن گېپىمىز قالمىدى، ئەھۋالنى كۆپ ئىگىلىسەك، كېيىنكى خىزمىتىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرالايمىز، دېدى.

    تۇغقانلاشقان كادىرلار ئىككى- ئۈچتىن بىر گۇرۇپپا بولۇپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ، يۈزتۇرا سىردىشىپ، قىزغىن پىكىرلىشىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى ھەربىر تۇغقىنىغا يەتكۈزدى. كادىرلارنىڭ بەزىلىرى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدىكى ياشانغانلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتتى، بەزىلىرى تۇغقانلىرىغا ياردەملىشىپ، مەش، توك سائەتلىرىنى رېمونت قىلىپ بەردى، بەزىلىرى تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىرىنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، يەنە بەزىلىرى ئائىلىدىكى زىددىيەتنى مۇرەسسە قىلىپ قويدى... بىللە بولۇش جەريانىدا كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېقىنلاشتى، ھېسسىياتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

    چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى

    − پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، 2- نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يەنە 30 يىل ئۇزارتىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ يېزىلارغا نىسبەتەن تەرەققىيات پۇرسىتى.

    − شۇنداق، بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز، شۇنداقلا يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زىيانسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

    2017- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنى كەچقۇرۇن، ئاقتۇ ناھىيەسى ئاقتۇ بازىرىنىڭ يانچىمەھەللە كەنتىدىكى نىيازخان ئابدۇكېرىمنىڭ ئۆيىدە قىزغىن مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ئاۋاز ئاڭلىنىۋاتاتتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى باشلانغان تۇنجى كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كېلىپ، چۈشىنىشلىك تىل، ئەمەلىي سۆزلەر بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى.

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار كۆڭلىنى توختىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، ھەقىقىي ئارىلىشىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كەڭ، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ قەسىدىسىنى ياڭراتتى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۇغقانلىرىغا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى زاغرا تىلدا تەشۋىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق- تەربىيەسىنىمۇ كۈچەيتىپ، تۇغقانلىرىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى تونۇش» تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدى؛ ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەر تۇغقانلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، كەنتنىڭ تەرەققىياتى، ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، بىللە خەۋەر كۆرۈپ، يۈزتۇرا تەشۋىق قىلدى، 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چۈشەندۈردى، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يېشىپ بەردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىش، تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىش، يۈزتۇرا چۈشەندۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللاردا تەشۋىق قىلدى، ئەتراپىدىكى ئادەم، ئەتراپىدىكى ئىش ۋە ئەتراپىدىكى زور ئۆزگىرىش قاتارلىقلارنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈردى...

    تەرەققىياتنى بىللە پىلانلىدى، تۇغقانلار ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى

    قىش كىرگەن بولسىمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى قۇربانجان يۇنۇسنىڭ تۇغقىنى تېخىچە پاختىسىنى تېرىپ بولالمىغانىدى، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە كېۋەزلىككە بېرىپ، تۇغقىنىنىڭ پاختىسىنى تېرىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر خىزمەتدىشىنىڭ تۇغقىنىنىڭ يېسسىۋېلىكىنى يىغىۋېلىشىغا ياردەملەشتى.

    فۇكاڭ شەھىرىنىڭ زىنچۈەنزى بازىرى جيېبېي كەنتىدىكى رازىيە 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ: تۇغقىنىم جاۋ فاڭفاڭ ئۆيۈمگە كېلىپ، كۈندە كالا- قويلىرىمنى بېقىشىپ بەرگەندىن باشقا، يەنە قەرز قايتۇرۇش ئىشىمنى مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلىپ بەردى، دېدى. جاۋ فاڭفاڭ فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن 2- تۈركۈمدە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتناشقان كادىر. ئۇ رازىيە ئائىلىسىنىڭ ئامانەت- قەرز كوپىراتىپىدىن ئالغان 50 مىڭ يۈەن قەرز پۇلىنىڭ مۇددىتى توشۇشقا ئاز قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ يىل كىرىمىنىڭ ياخشى بولماي، بانكا قەرزىنى قايتۇرالمايدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كۆپ تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇپ، ئامانەت- قەرز كوپىراتىپىنى قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىپ بېرىشكە ماقۇل كەلتۈردى.

    نىلقا ناھىيەسىنىڭ سۇپتاي يېزىسى بۇربوسۇن كەنتىدىكى ھېزىمجان رېھىمجان مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان كىچىك ئوغلىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالىشىغا ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل چىقىم قىلغاچقا، تۇرمۇشى ناھايىتى غورىگىل ئۆتۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر چېڭ ۋېنمىڭ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال شۇ جايدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسىغا بۇ ئىشنى دوكلات قىلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ھېزىمجان رېھىمجانغا 5000 يۈەن ھال سوراش پۇلىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بەردى، چېڭ ۋېنمىڭمۇ 1000 يۈەن ئىئانە قىلدى. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى چېڭ ۋېنمىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەندە، ئۇ ئىنىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەسىرلەنگەن ھالدا: تۇغقانلىرىمىزنىڭ غېمىنى يەپ، تۇغقانلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز، دېدى.

    ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي ھېسسىيات ئورنىتىش. «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»دە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئۆيلەردە ئەھۋال ئىگىلەپ، تۇغقانلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى خاتىرىلەپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى، ئارزۇ- ئۈمىدلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، قىيىنچىلىقىنى چوڭقۇر، تولۇق، ھەقىقىي ئىگىلەپ، تۇغقانلىرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، تۇغقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يول كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368745321