سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۇ يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېلىمىزنىڭ مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلىرى قازاقىستانغا يېتىپ باردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-05

    بۇ يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېلىمىزنىڭ مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلىرى 1-يانۋار قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شەھىرى ئالمائاتاغا يېتىپ باردى.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈركۈمدىكى مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى 2017-يىل 31-دېكابىر كەچ قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چىقارغان بولۇپ، 30 يۈك ئاپتوموبىلىدىكى 600 توننا زاكاز ئالما ئالمائاتا شەھىرىگە يەتكۈزۈلگەن.

    قورغاس چېگرىسى جۇڭگو-قازاقىستانغا كىرىپ-چىقىشتىكى مۇھىم يول، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلىرىنى غەربكە يۆتكەشتىكى مۇھىم يىغىش-تارقىتىش بازىرى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆسىتىلىشىچە، 2017-يىل يانۋاردىن نويابىرغىچە قورغاس چېگرىسى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان مېۋە-چىۋە، كۆكتات 119 مىڭ 100 توننىغا يەتكەن بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا %39.07 ئاشقان، شىنجاڭدىكى چېگرا ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنىڭ %58.2 ىنى ئىگىلىگەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368718851