سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئامىرخاننىڭ يېڭى فىلىمى «سىرلىق چولپان» 19-يانۋار مەملىكىتىمىزدە قويۇلىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-05

    ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى ئامىرخان باش رول ئالغان «سىرلىق چولپان» فىلىمىنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى ۋە ئېلان سۈرىتى ئاشكارىلاندى، بۇ فىلىم 19-يانۋار مەملىكىتىمىزدە قويۇلىدۇ، فىلىمدە ھىندىستانلىق ئۆسمۈر قىز ئىسيانىڭ كەمسىتىش ۋە توسالغۇلاردىن غالىب كېلىپ، مۇزىكا ئارزۇسىدا چىڭ تۇرغانلىقىدەك ھېكايە سۆزلىنىدىغان بولۇپ، «چېلىشايلى، دادا!» فىلىمىدىكى ئاتا ۋە قىز يەنە بىللە رول ئالىدۇ.

    فىلىم ۋەقەلىكى مۇنداق: ئىسيا گىتار چېلىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان قىز، ئانىسىمۇ ئۇنى قوللايدۇ، بۇ ئانا-بالا ئىككىيلەن ئارزۇ بولۇش ھەممىلا ئادەمنىڭ ھوقۇقى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەنىسى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ، بىراق، رەھىمسىز دادىسى ئىسيانى توسۇپ بولالماي، ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گىتارنىڭ تارىسىنى ئۈزۈۋېتىدۇ، ئىسيانىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولىدۇ. ئۇ ئامالسىز ئارزۇسىدىن ۋاز كېچەي، دەپ تۇرغاندا مۇزىكانت شاكىت كاپۇر (ئامىرخان رول ئالغان) بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش يولىغا ئاتلىنىدۇ.

    ئامىرخاننىڭ «چېلىشايلى، دادا!» فىلىمىدە رولنى ھەقىقىي ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېلىش ئۈچۈن، شىددەتلىك سەمىرىپ ۋە ئورۇقلاپ، باش رولنىڭ چېلىشچى ۋاقتىدىكى مۇسكۇللۇق قىياپىتى ۋە چېلىشىش ھاياتى ئاياغلىشىپ، تۆت بالىغا دادا بولغان دەۋرلىرىدىكى سېمىز، قورساق سالغان قىياپىتىنى ئۆز ئەينى ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىدەك كەسىپنى سۆيۈش روھى بۇلتۇر نۇرغۇن تاماشىبىنغا ئايان بولغانىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئىزچىل تۈردە جەمئىيەتنى كۆزىتىپ، رېئال تۇرمۇشقا دىققەت قىلىپ، ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلگەچكە، تاماشىبىنلار تەرىپىدىن «دۆلەتنى ئۆزگەرتىدىغان ئارتىس»، «ھىندىستاننىڭ ۋىجدانى» دەپ ئاتالغان. ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى ۋە ھىندىستان زۇڭلىسى مودى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇنىڭ سۈرىتى «دەۋر ژۇرنىلى» نىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلىپ، «2013-يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 100 شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

    «سىرلىق چولپان» فىلىمىنى ئامىرخان شىركىتىدىكى يېڭى رېژسسسور يازغان ۋە رېژسسورلۇق قىلغان بولۇپ، 19-يانۋار دۆلىتىمىزدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368718711