سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2017-يىلى ئۈرۈمچىدە 146 مىڭ يېڭى ئاپتوموبىل سېتىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-05

    مۇخبىرنىڭ 2-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەتلىك باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى دۆلەت بېجى سىستېمىسى جەمئىي 146 مىڭ يېڭى ئاپتوموبىلغا ئالاقىدار كەسىپنى بېجىرگەن، بۇ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %8 ئاشقان بولۇپ، سىجىل مۇقىم ئۆرلەش ۋەزىيىتى ساقلانغان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 12 مىڭ 206 يېڭى ئاپتوموبىل سېتىلغان.

    بۇنىڭ ئىچىدە، سەرپىياتى 1.6 لېتىر ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئاپتوموبىللار ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تۈرتكىسىدە 70 مىڭ 938 دانە سېتىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 ئېشىپ، بارلىق يېڭى ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارىنىڭ %49.76ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، 2017-يىلى ئۈرۈمچىدە جەمئىي 192 مىليون يۈەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان.

    ماي سەرپىياتى تۆۋەن ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىش بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى 2015-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن 2017-يىلى 31-دېكابىرغىچە يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى يىلدىن كۆپ ۋاقىتتا شەھەر بويىچە بۇ سىياسەتكە ماس كېلىدىغان جەمئىي 152 مىڭ 44 دانە ماي سەرپىياتى تۆۋەن يېڭى ئاپتوموبىل سېتىلىپ، 512 مىليون يۈەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان.

    2018-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ماي سەرپىياتى تۆۋەن ئاپتوموبىللاردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن باج نىسبىتى بويىچە ئېلىنىدىغان %10 ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئېلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368718211