سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2017-يىلى جۇڭگودا كىنو بېلەت كىرىمى 55 مىلياردتىن ئاشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-03

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى كىنو ئىدارىسىنىڭ 31-دېكابىر كېچە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2017-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كىنو بېلەت كىرىمى 55 مىليارد 911 مىليون بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%13.45 ئاشقان؛ دۆلىتىمىز ئىشلىگەن كىنو بېلىتى كىرىمى 30 مىليارد 104 مىليون بولۇپ، ئومومىي بېلەت كىرىمىنىڭ %53.84ىنى ئىگىلىگەن؛ بېلەت كىرىمى مىلياردتىن ئاشقان كىنو 92 بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىشلىگەن كىنو 15؛ شەھەردىكى كىنوخانىلاردا كىنو كۆرگەن ئادەم/قېتىم 1 مىليارد 62 مىليون بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %18.8 ئاشقان.

    سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى، مەملىكىتىمىزدە 789ھېكايە فىلىم، 32 كارتون فىلىم، 68 ئىلمىي تەربىيىۋى فىلىم، 44 ھۆججەتلىك كىنو، 28 ئالاھىدە كىنو ئىشلەنگەن بولۇپ، جەمئىي 970 كىنو ئىشلەنگەن؛ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنونىڭ چەت ئەلدىكى بېلەت كىرىمى ۋە سېتىلىش كىرىمى 4 مىليون 253 مىليونغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.19 ئاشقان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368694851