سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچىدە قەھرىتان قىشتا «سۇ مەشرىپى» قىزىپ كەتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-03

    سۇ ئۈزگۈچىلەر 1-يانۋار سۇدا مەشرەپكە چۈشمەكتە.

     « 2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە قىشلىق سۇ ئۈزۈش كۈنى يۈرۈشلۈك ئۈلگە كۆرسىتىش پائالىيىتى( ئۈرۈمچى بېكىتى)»نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 1-يانۋار قىزىلتاغ زال سىرتى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە ئۆتكۈزۈلدى . ئۈرۈمچىدىكى 400دىن ئارتۇق قىشلىق سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارى ئەركىن سۇ ئۈزۈش، كېپىنەكچىلەپ سۇ ئۈزۈش، سۇ مەشرىپى قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇندىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە قىشلىق سۇ ئۈزۈشكە ئەزا بولغانلار 1500دىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېشى 25تىن 80 گىچە ئىكەن، يىل بويى قىشلىق سۇ ئۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەزا 800دىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 200 دىن كۆپرەك ئايال بار ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368694621