سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدا يېڭى يىلدا يىللىق مەلۇم قىلىش خىزمىتى باشلاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-02

    2018-يىللىق كارخانىلارنىڭ يىللىق مەلۇم قىلىش خىزمىتى1-يانۋار رەسمىي باشلاندى. 30-ئىيۇنغىچە شىنجاڭدىكى بارلىق كارخانىلار، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن كارخانىلارنىڭ يىللىق باھالىشىنى تاماملايدىغان بولۇپ، مۇددەت توشقىچە دوكلات قىلمىغانلار پەۋقۇلئاددە تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ 1-يانۋار ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئىدارە «2017-يىللىق بازار سۇبيېكتىنىڭ يىللىق دوكلاتىنى ئاشكارىلاش ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلغان.

    ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ بازار سوبيېكتى 1 مىليون 410 مىڭ ئاھالىگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىلار 306 مىڭ، يەككە سودا-سانائەتچىلەر 1 مىليون 65 مىڭ 600، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 38 مىڭ 600 بولغان.

    2014-يىلىدىن باشلاپ، سودا-سانائەتنى يىللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى توردا دوكلات قىلىش يولغا قويۇلۇپ، بازار ئاساسىي گەۋدىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا يىللىق دوكلات قىلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368671601