سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-02

    1-يانۋار، 10-نۆۋەتلىك قاناس قار-مۇز جىلۋىسى ساياھەت پەسلى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك قۇمقاناس خەلقئارا قار چېچىش شادلىق بايرىمى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسىدا باشلاندى.

    ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ قار-مۇز ساياھەتچىلىكى زور بىر تۈركۈم شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ 2018-يىللىق ساياھەتچىلىكى رەسمىي باشلاندى.

    ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى تارقاتقان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى 30-دېكابىردىن 2018-يىلى 1-يانۋار سائەت 16:00 گىچە، 2018-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1 مىليون 492 مىڭ 400 ئادەم (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368671591