سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

15–نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار– مۇز ساياھەت بايرىمى 1–ئاينىڭ 13 –كۈنى باشلىنىدۇ

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-02

    مۇخبىرنىڭ 15 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار – مۇز ساياھەت بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتى 2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 15 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار – مۇز ساياھەت بايرىمى 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۈرۈمچى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلىنىدىكەن.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ شىنرۇڭنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇشىچە، 15 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار – مۇز ساياھەت بايرىمىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن، بايرام مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق ھەرقايسى رايون، ناھىيە، ئىدارە – ئورگان، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە ساياھەت كوپىراتىپلىرى 90 نەچچە تۈرلۈك ئۆزگىچە قار – مۇز ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدىكى قىشلىق قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، يىپەك يولى چوڭ تىپتىكى چاغانلىق چىراغ – پانۇس سەيلىسى، تۈمەن كىشىلىك قار – مۇز تېيىلىش پائالىيىتى ۋە قىشلىق ساياھەتنى مەھەللىلەرگە يۈزلەندۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر مەركىزىي شەھەرنىڭ قار – مۇز ساياھەت بايلىقى ۋە ئاۋامنىڭ قار – مۇز ساياھىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى مەملىكەت ئىچى – سىرتىغا يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە ‹‹ساياھەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى›› بويىچە قار – مۇز ساياھەت بايرىمىدىن بەھرىلىنىش كارتىسىدىن 20 مىڭنى شەھەر ئاھالىلىرىگە ھەقسىز تارقىتىدىكەن. ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار – مۇز ساياھەت بايرىمىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى نېغمەت راخمان قار – مۇز ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368665251