سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-02

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى قەتئىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ‹‹تۆت خاھىش››نى يەنىمۇ تۈزىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، <تۆت خاھىش>نى يەنىمۇ تۈزىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، <ئوننى ياخشىلاش، ئونغا يول قويماسلىق> توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› قاتارلىق ئالاقىدار مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، شۇنداقلا پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چۆرىدەپ، تونۇش ۋە تەسىراتىنى سۆزلىدى، ئورگانلار ئېغىر نامرات رايونلارغا ئەۋەتىدىغان بىرىنچى شۇجى ۋە 2018 – يىللىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى ھەم يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم يىغىنلارنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى ئاڭلىدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا، پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› باش تېمىسىدىكى تەربىيە پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش، مۇزاكىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى سىياسىي مەيدانىنى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھى بويىچە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ‹‹ئوننى ياخشىلاش، ئونغا يول قويماسلىق››نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىر ھالقا – بىر ھالقىدىن تۇتۇپ، ئىشلارنى بىر – بىرلەپ قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى، چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سىياسىي كېڭەش ئورگان پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئېغىر نامرات كەنتلەرگە بىرىنچى شۇجى ئەۋەتىش ۋە 2018 – يىللىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى ئورگان كادىرلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي بويسۇنىدىغان سىياسىي ئېڭىنىڭ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى. ئورگان ئېغىر نامرات رايونلارغا بىرىنچى شۇجىلىققا ئەۋەتكەن ۋە 2018 – يىللىق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بۇ خىزمەتلەردە سىياسىي كېڭەشنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا سىياسىي كېڭەشنىڭ كۈچىنى قوشۇشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەنتتە تۇرغان خىزمەت تارىخىنى كادىرلارنى تەيىنلەش – ئۆستۈرۈشنىڭ ئالدىنقى ۋە زۆرۈر شەرتى قىلىشى؛ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەترەت ئەزالىرى ۋەكىل بولۇش، ئورۇنلار يۆلەنچۈك بولۇش، بىرىنچى باشلىق ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىپ، بۇ خىزمەتنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش چېيى، 20 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى، ئورگاندىكى باشقارما، ئىشخانىلار ۋە بارلىق كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، كۈچنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ 2018 – يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كېڭىشىش پىلانىنى ياخشى تۈزۈشى كېرەك. كېلەر يىللىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىنچىكە، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بالدۇر، پۇختا، چىڭ تۇتۇپ، ئىنچىكە، تەپسىلىي، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368665231