سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى›› شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-02

    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى›› باش تېمىسىدىكى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدىكى باتۇرانە، قەيسەر، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىنائەن تەشكىللىگەن.

    بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قويۇلغان 285 پارچە گۈزەل سەنئەت ئەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە يوللانغان 700 نەچچە پارچە ئەسەر ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 100 پارچە ھۆسنخەت ئەسىرى بار ئىكەن. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹سەمىمىي غەمخورلۇق››، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى››، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق››، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى كادىرلىرىنىڭ كەنتتە يىلتىز تارتىپ، ئامما بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ، ساداقەتمەنلىك ئۇرۇقىنى كەڭ چاچقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش››، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا قوبۇل قىلىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشتەك ئېسىل روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› قاتارلىق بەش چوڭ تېمىغا بۆلۈنگەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368665201