سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىز قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇمغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-02

    ئاپتونوم رايون 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇمغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا يىغىن ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇمغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ يېرىم يىللىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇمغا چېتىشلىق يوشۇرۇن خەۋپنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن يىغىنغا قاتناشتى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار، تارماقلار قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇمغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى، دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ كونكرېت نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇمغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتنىڭ قانۇنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، بولۇپمۇ توردا قورال سېتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە قاتتىق دىققەت قىلىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ھەمتۈرتكە جەڭ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت، ئەدلىيە قاتارلىق تارماقلارنىڭ خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرىدا مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈپ، تۆۋەندە يۈزلىنىشنى تەكشۈرۈپ، قەتئىي، پاكىز، ئۈزۈل – كېسىل زەربە بېرىشى كېرەك. نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ۋە تەرتىپكە سېلىپ، ئەۋەتىش – يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى كەسپى، قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇمغا چېتىشلىق نۇقتىلىق كارخانىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى چىڭىتىپ، خەتەرلىك، پارتلايدىغان بۇيۇملارنى تولۇق باشقۇرماسلىق – تىزگىنلىمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇمغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ يىغىۋېلىپ، بىرتۇتاش رويخەتكە ئېلىپ ئېنىقلاپ، مەركەزلىك تەشكىللەپ كۆيدۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆلكە – رايونلارنىڭ قانۇنسىز قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى بىرلىشىپ تىزگىنلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، چېگرادا تەكشۈرۈش ۋە پورتتا تەكشۈرۈپ – تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. جەمئىيەتتە ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن ۋە پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش تەدبىرى توغرىسىدىكى تەشۋىق – تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قورال ۋە پارتلاتقۇچ بۇيۇمغا چېتىشلىق يىپ ئۇچى بىلەن پائال تەمىنلەشكە، قورال – ياراغ، ئوق – دورا، خەتەرلىك، پارتلايدىغان بۇيۇملارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقىرىغا تاپشۇرۇشقا تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ئامما ئالدىنى ئېلىپ، ئامما تۈزەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، پوجاڭزىلارنى قانۇنسىز ساقلىغان – ساتقانلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، پوجاڭزا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايوندىن شىنجاڭغا كىرىدىغان ئاپتوموبىللارنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇنسىز پوجاڭزىلارنىڭ كىرىشىنى قاتتىق توسۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي – قانۇن كومىتېتلىرى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىلىرى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس ھەرىكەتنى ئىجتىمائىي ئامانلىقنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى باھالاشقا كىرگۈزۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەيتىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368665181