سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار سان ۋە سۈپەت جەھەتتە ئاشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-02

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئىككى تۈركۈمدە 274 كارخانىنى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى باھالاپ بېكىتىشكە يوللىغان، باھالاپ بېكىتىشكە يوللانغان كارخانىلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن %54 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 207 كارخانا دۆلەتنىڭ باھالاپ بېكىتىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن، بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانى 540قا يەتكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2009 – يىلىدىن باشلاپ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارنى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى باھالاپ بېكىتىشكە يوللاش خىزمىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار بۇ خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن. شۇنداق بولغاچقىمۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دۆلەتنىڭ باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار بار بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا 283كە يېتىپ، سان جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا 88گە يېتىپ، ئىككىنچى ئورۇندا، قاراماي شەھىرىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا 45كە يېتىپ، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

    ساھەلەر نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ئاساسلىقى بىيو تېخنىكا، تېببىي دورىگەرلىك، ئېلېكتىرون ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە يېڭى ماتېرىياللار قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن، بۇ ساھەلەردىكى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار 540 كارخانىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سۈپەت دەرىجىسى ۋە ئەمەلىي رىقابەت كۈچىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار كۆلەم جەھەتتىنمۇ تەدرىجىي زورىيىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، 540 كارخانا ئىچىدە يىللىق تىجارەت سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانا 90گە، يىللىق تىجارەت سوممىسى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان كارخانا 20گە، پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانا 40 قا يەتكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانى 1000دىن ئاشىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368665171