سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلاردىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئېلىنمايدۇ

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-02

    1-يانۋاردىن 2020-يىلى 31-دېكابىرغىچە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلاردىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئېلىنمايدۇ. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باش باج ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ۋە پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار يېقىندا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئالماسلىققا ئائىت ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغان. 2017-يىلى 31-دېكابىردىن بۇرۇن «ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئېلىنمايدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مۇندەرىجىسى»گە كىرگۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئالماسلىق سىياسىتى داۋاملىق كۈچكە ئىگە قىلىنغان.

    بۇ يىلدىن باشلاپ «مۇندەرىجە»گە كىرگۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل چوقۇم تۆت شەرتنى ھازىرلىشى كېرەككەن، ئۇلار، ئىجازەتنامىگە ئېرىشىپ جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە سېتىلدىغان ساپ ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار، توك قاچىلىنىدىغان ئارىلاشما يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللار، باتارىيە يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللار؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەھسۇلاتىنىڭ تېخنىكا تەلىپىگە ماس كېلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار بولۇپ، ئۇلار يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس تۈر تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ھەمدە ئۆلچەمگە توشقان بولۇشى كېرەككەن.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى 147 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن 5 مىليون 640 مىڭ يۈەن باجنى ئاز ئالغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368665151