سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

2017-يىلى شىنجاڭنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-02

    مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد، تېخنىكا تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇرنىڭ 11 ئېيىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆلچىمىنىڭ ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارى 228 مىليارد 260 مىليون كىلوۋات/سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %11.3 ئاشقان؛ بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولغان بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن %33.9 ئاشقان.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توك ئىستېمال سۈرئىتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. بۇلتۇرنىڭ 11 ئېيىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 182 مىليارد 570 مىليون كىلوۋات/سائەتكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 ئاشقان. پۈتۈن مەملىكەت ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 4.3 پىرسەنت پوئېنتى بولغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368665141