سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پەرمان ئىمزالاپ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي تەلىم–تەربىيە نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› نى ئېلان قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-02

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا پەرمان ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي تەلىم – تەربىيە نىزامى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹نىزام›› دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    ‹‹نىزام›› دا شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇلغان، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، دىققەت ئۇرۇش تەييارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇلغان، مەسىلە يۆنىلىشى، پۇختا ئىش قىلىش يۆنىلىشى، تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلغان، تەشكىللەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلغان، سىياسەت، تۈزۈم قايتا تۈزۈلۈپ، مەشغۇلات شەكلى قېلىپلاشتۇرۇلغان. ئۇ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچ ۋە ۋەزىپىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان، يېڭى تۈزۈلمىگە ماسلاشتۇرۇلغان، جەڭگىۋارلىقنى شەكىللەندۈرۈش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ھەربىي تەلىم – تەربىيە ئاساسىي نىزامى بولۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي تەلىم – تەربىيەدىكى ئەمەلىي جەڭ قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    ‹‹نىزام›› جەمئىي 11 باب، 77 ماددا، ئۇنىڭدا ‹‹ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا، ئۇرۇش رايونى ئۇرۇش قىلىشقا، ئارمىيە تۈرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇش›› ئومۇمىي پىرىنسىپى بويىچە، ھەربىي كومىتېتنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە سىستېما بويىچە بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدىغان ھەربىي تەلىم – تەربىيە باشقۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك فۇنكسىيە دائىرىسى ئىلمىي ئايرىلىپ، ھەربىي تەلىم – تەربىيە باشقۇرۇش سىستېمىسى ئومۇمىي جەھەتتىن قايتىدىن تۈزۈلدى. ‹‹نىزام››دا جەڭ ئارقىلىق تەلىم – تەربىيە بېرىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەقىقىي، قىيىن، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئۇرۇش تەلىپى بويىچە تەلىم – تەربىيە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، تەلىم – تەربىيە ئۆلچىمى كۈچلۈك رەقىبلەرنى نىشان قىلغان ھالدا راۋاجلاندۇرۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي تەلىم – تەربىيە ئاساسىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ تەلىم – تەربىيە مەقسىتى، تەلىپى، مەشىققە تەشكىللەش سۇبيېكتى، مەشىقلەندۈرۈش ئوبيېكتى، ئاساسىي مەزمۇنى ۋە يولغا قويۇش قەدەم – باسقۇچلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىي جەڭ، ئەمەلىي مەشىقنىڭ قاتتىق ئۆلچىمى تۇرغۇزۇلۇپ، تەلىم – تەربىيە بىلەن ئەمەلىي جەڭنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

    ‹‹نىزام›› دا ھەربىي تەلىم – تەربىيە يىرىك پىلانى، پىلان، ئىستاتىستىكا، دوكلات، تەكشۈرۈش ۋە باھالاش، دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش قاتارلىق ئاساسىي تۈزۈملەر كونكرېت قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ھەربىي تەلىم – تەربىيە كاپالىتى، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، مەمۇرىي تەپتىش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش قاتارلىق تايانچ تۈزۈملەر كېڭەيتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەربىي تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىي تەلىم – تەربىيەسىنى ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ئۇسۇلى بىلەن لايىھەلەش، ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ئۇسۇلى بىلەن يۈرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368665111