سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يازدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-02

    چەتئەلدە ئوقۇپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياشلىق باھارىڭلارنى ئارزۇغا يېتىش يولىدا جۇلالاندۇرۇڭلار

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنى تېلېگراممىسى: يېڭى يىل كېلىش ئالدىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 30 – كۈنى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، بالدۇرراق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى ھەم چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بايراملىق سالام يوللىدى.

    شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق دېدى: يازغان خېتىڭلارنى ئوقۇپ ناھايىتى خۇش بولدۇم، خېتىڭلاردىن ۋەتەننىڭ كۈنسايىن قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىڭلارنى، چەت ئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە تەلپۈنىدىغان، ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىدىغان كۈچلۈك يۈرەك ساداسىنى ھېس قىلدىم.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 60 يىل ئىلگىرى رەئىس ماۋ زېدۇڭ سىلەر ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغاندا ‹‹ياشلار ئەتىگەن سائەت سەككىز – توققۇزلاردىكى قۇياشقا ئوخشايسىلەر، ئۈمىد سىلەردە›› دېگەنىدى. ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ياشلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. سىلەرنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، كاتتا ئىشلارنى قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىشىپ، ئۆگەنگەن ماھارىتىڭلارنى ۋەتەنگە، خەلققە بېغىشلاپ، ياشلىق باھارىڭلارنى ئارزۇغا يېتىش يولىدا جۇلالاندۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يولداش ماۋ زېدۇڭ 1957 – يىلى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغاندا ‹‹ئۈمىد سىلەردە›› دېگەن مەشھۇر سۆزنى قىلغانىدى. يېقىندا موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەينى يىلى قىلغان سۆزىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتىنى دوكلات قىلىپ، ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىدىغان، دۆلەتكە، خەلققە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368665071