سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېڭى يىللىق دىراما ۋە ئەلنەغمە كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-02

    شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ،يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى،خەن جېڭ كېچىلىكنى كۆردى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى تېلېگراممىسى: 2018 – يىللىق يېڭى يىللىق دىراما ۋە ئەلنەغمە كېچىلىكى 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى كەچتە دۆلەت تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار پايتەختتىكى 1000غا يېقىن ئامما بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، كېچىلىكنى بىللە كۆرۈپ، يېڭى يىلنى خۇشال كۈتۈۋالدى.

    رەڭگارەڭ چىراغلار دۆلەت تىياتىرخانىسىنى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتكەن، تىياتىرخانا ئىللىق كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. سائەت 19دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى كېچىلىك ئۆتكۈزۈلىدىغان مەيدانغا كېلىپ، كېچىلىكنى كۆرگىلى كەلگەن پېشقەدەم سەنئەتكارلار بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

    ئەلنەغمە ناخشىلىرى يېڭى مۇساپىگە تەڭكەش بولدى. توققۇز خىل يەرلىك تىياتىر ناخشىسى مۇجەسسەملەنگەن ‹‹بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ›› ناملىق چاتما ناخشا بىلەن پۈتكۈل كېچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. ‹‹قەدىمىي تىياتىر ئارقىلىق يېڭى باھارنى كۈتۈۋېلىش›› ناملىق يېڭى نومۇرنىڭ خۇشال، شوخ رىتىمى مەيدانغا قويۇق باھار تۈسى كىرگۈزدى. جەنۇبىي جياڭشىنىڭ چاي تېرىش ئويۇنى ‹‹تۈگىمەس كۈي››، ‹‹تەيخاڭ ئانا›› ناملىق شاڭداڭ باڭزىدىن ئېلىنغان تاللانغان ئارىيەلەردە ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدىكى كوممۇنىستلارنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان باتۇرانە روھى ئىپادىلەندى. ‹‹گۇ ۋېنچاڭ››، ‹‹لى باۋگو››، ‹‹خۇاڭ دانيەن›› قاتارلىق ئۈچ تىياتىردىن ئېلىنغان ئارىيەلەردە قەھرىمان، نەمۇنىچىلارنىڭ تەسىرلىك ئىش – پائالىيەتلىرى قايتا ئەكس ئەتتۈرۈلدى. جىڭجۈ تىياتىرى ‹‹يولدا›› قاتارلىق ئەسەرلەردە ئەلنەغمە سەنئىتىنىڭ رېئال تېما ئىجادىيىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن باسقۇچلۇق نەتىجىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلدى. كۇنچۈ تىياتىرى ‹‹جاۋجۈننىڭ قورولدىن چىقىشى››، شىجۈ تىياتىرى ‹‹مارجان مۇنارى››، لىيۈەن تىياتىرى ‹‹دۇڭ شېڭ بىلەن لى شى››، جىڭجۈ تىياتىرى ‹‹شۈ سېنىڭ سېپىلغا چىقىشى›› قاتارلىق كىلاسسىك تىياتىرلاردىن ئېلىنغان ئارىيەلەر ھەم بالىلار ئەلنەغمە نومۇرى ‹‹تىنچ، گۈللەنگەن دەۋردىكى يېڭى غۇنچىلار››دا ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۇسلۇب ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىلغان سەنئەتنىڭ بەدىئىي سېھرىي كۈچى ھەم قەدىمىي تىياتىر تۈرلىرىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، تالانتلىقلار تۈركۈملەپ يېتىشىپ چىقىدىغان دەۋر قىياپىتى مەركەزلىك نامايان قىلىندى. ئىجادىي ئەلنەغمە ناخشىسى ‹‹يېڭى مۇساپىگە باشلاش››نىڭ كۆتۈرەڭگۈ مېلودىيەسى كېچىلىكنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، يېڭى سەھىپىلەرنى پۈتۈپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇستەھكەم ئېتىقادى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. سەنئەتكارلارنىڭ قالتىس ئويۇنى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

    بۇ يىلقى يېڭى يىللىق دىراما ۋە ئەلنەغمە كېچىلىكىدە يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەردىن نۇقتىلىق ئارىيە ئورۇنلىنىپ، رېئال تېمىلارنىڭ سالمىقى ئاشۇرۇلدى، ھەر خىل تىياتىر تۈرلىرىدە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە داڭلىق سەنئەتكارلار نومۇر كۆرسىتىپ، كېچىلىك ئۆتكۈزۈلگەن 5 – يىلىدا 31 ئۆلكە، رايون، شەھەرنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىر تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كېچىلىكنى كۆردى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368665061