سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئۆتكۈزگەن يېڭى يىللىق چايدا قىلىنغان سۆز

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-02

    (2017–يىلى12–ئاينىڭ29–كۈنى)

    شى جىنپىڭ

    يولداشلار، دوستلار:

    ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن! 2017 – يىلنى ئۇزىتىپ، 2018 – يىلنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە بىر يەرگە جەم بولۇپ، دوستانە سۆھبەتلىشىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدىن ناھايىتى خۇشالمەن.

    مەن ئالدى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرىغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ۋە ج خ كادىر – ساقچىلىرىغا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان خەلقئارادىكى دوستلارغا يېڭى يىللىق سالام يوللايمەن ۋە سەمىمىي بەخت تىلەيمەن!

    2017 – يىلى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى، بۇ بىر يىلدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، ئارمىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

    بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، 79 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملىدۇق، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلار 211 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئىسلاھات لايىھەسىدىن 399نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى، ئىسلاھاتتا ئومۇميۈزلۈك كۈچەش، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتەك جانلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

    بىز جۇرىخې بىرلەشمە مەشىق بازىسىدا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا مەزمۇت قەدەم تاشلىغانلىقىنى مەركەزلىك نامايان قىلدۇق. شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدىغانلىقىمىزنى، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› ئەمەلىيىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېنىق جاكارلىدۇق. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى››غا قەتئىي قارشى تۇردۇق. ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، ئىنتىزام ئارقىلىق كۈچەيتىش، تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا كۈچەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈردى ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇردى ۋە مۇستەھكەملىدى.

    بۇ بىر يىلغا نەزەر سالساق، بىر يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلەر مول بولدى، كۆپچىلىكنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، خىزمىتىمىزدە يەنە بەزى يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى نۇرغۇن قىيىنچىلىق تېخى ياخشى ھەل قىلىنمىدى، ئىلگىرىلەش يولىمىزدا نۇرغۇن خەۋپ – خەتەر ۋە خىرىس بار، بىز چوقۇم خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندا خەۋپ – خەتەرنى ئويلاپ، ھەسسىلەپ تىرىشىپ، خىزمەتلىرىمىزنى تېخىمۇ پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

    يولداشلار، دوستلار!

    ئىككى ئاي ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۈيۈك پىلانى سۈرەتلىنىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ياڭراق بۇرغىسى چېلىندى.

    يېقىنقى بىر مەزگىلدە، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى مەملىكەتلىك قۇرۇلتايلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن غەلىبىلىك ئېچىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش – ئۆتكۈزۈۋېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

    بىز 2018 – يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە پۇختا ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز ئىسلاھاتتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ داغدام يولىنى بويلاپ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز. بىز ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ‹‹شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش››، ‹‹ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش›› يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغدايمىز. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ‹‹92 – يىل ئورتاق قارىشى›› ئاساسىدا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى پارچىلايدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە قارشى تۇرىمىز. بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن – ئاخىر ئېغىشماي مېڭىپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىمىز.

    يولداشلار، دوستلار!

    2017 – يىلى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق، بىرلەشمە دوستلۇق خىزمىتىنى كېڭەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا راۋاجلاندۇرۇپ، راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاق – دېموكراتىك، ئەمەلىيەتچىل – ئالغا ئىنتىلىدىغان، گۈللەنگەن – راۋاجلانغان يېڭى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشتى.

    ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئارزۇغا باشتىن – ئاخىر يەتكىلى بولىدۇ. بىز يېڭى بىر يىلدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. خەلق سىياسىي كېڭىشى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مەركەزلەشتۈرىدىغان باش پىروگرامما قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى – سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشتىكى باش ئوق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل – چارە كۆرسىتىش ۋە كۈچ چىقىرىشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇشتەك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋرگە تەڭ ئاتلىنىپ، يېڭى ئىدىيەنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ۋە بۈيۈك بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك.

    ھازىردىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا 1000 كۈندىن كۆپرەكلا ۋاقىت قالدى. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ! بىز جەزمەن ۋاقىتنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، دەۋرنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.

    يولداشلار، دوستلار!

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئۇزاق مەزگىللىك تىرىشىش ئاساسىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن ئىدىيەۋى نەزەرىيە مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ماددىي – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى، مەنىۋى مەدەنىيلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تۈزۈلمە – مېخانىزم مۇۋەپپەقىيەتلىرى توپلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەردانە قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان شىددەتلىك تارىخىي ئېقىننى شەكىللەندۈردى.

    ‹‹دولقۇن تەكشى كۆتۈرۈلۈپ، شامال ئوڭدىن سوقسا، ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ››. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يۆنىلىشى بېكىتىلىپ بولدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوت دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. بۇ غايەت زور پاراخوتتا ھەرقانداق بىر كۈچ كەم بولسا بولمايدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت رولچى بولسىلا، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى چىقىپ تۇرسىلا، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق يەلكەن چۈشۈرۈپ، پالاق ئۇرۇپ ئىلگىرىلىسىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوت شانلىق قىرغاققا جەزمەن يېتىپ بارالايدۇ!

    كۆپچىلىككە رەھمەت.

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى تېلېگراممىسى)

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368665051