سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېڭى يىللىق چاي ئۆتكۈزدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-02

    شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

    لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، جاڭ گاۋلى،لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ چايغا قاتناشتى يۈ جېڭشېڭ چايغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا يېڭى يىللىق چاي ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ھەم پايتەختتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە 2018 – يىللىق يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چايدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يۆنىلىشى بېكىتىلىپ بولدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوت دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. بۇ پاراخوتتا ھەرقانداق بىر كۈچ كەم بولسا بولمايدۇ. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ! بىز جەزمەن ۋاقىتنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، دەۋر ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت رولچى بولسىلا، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلى چىقىپ تۇرسىلا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يەلكەن چۈشۈرۈپ، پالاق ئۇرۇپ ئىلگىرىلىسىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوت شانلىق قىرغاققا جەزمەن يېتىپ بارالايدۇ.

    شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرىغا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار، كادىرلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى ۋە ج خ كادىر – ساقچىلىرىغا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، شۇنداقلا چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان خەلقئارادىكى دوستلارغا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي بەخت تىلىدى!

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2017 – يىلى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، ئارمىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بىز جۇرىخې بىرلەشمە مەشىق بازىسىدا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلىدۇق. بىز شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدىغانلىقىمىزنى، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› ئەمەلىيىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېنىق جاكارلىدۇق. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى››غا قەتئىي قارشى تۇردۇق. بىز ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، ئىنتىزام ئارقىلىق كۈچەيتىش، تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا تەڭ كۈچەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇردى، مۇستەھكەملىدى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، 79 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملىدۇق، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار 211 تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئىسلاھات لايىھەسىدىن 399 نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى، ئىسلاھاتتا داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك كۈچەش، كۆپ نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتەك جانلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز 2018 – يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز ئىسلاھاتتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ داغدام يولىنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز. ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ‹‹شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش››، ‹‹ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش›› يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغدايمىز. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ‹‹92 – يىل ئورتاق قارىشى›› ئاساسىدا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى پارچىلايدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىمىز. بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن – ئاخىر ئېغىشماي مېڭىپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقىنى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىمىز.

    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2017 – يىلى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق، بىرلەشمە دوستلۇق خىزمىتىنى كېڭەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق – دېموكراتىك، ئەمەلىيەتچىل – ئالغا ئىنتىلىدىغان، گۈللەنگەن – راۋاجلانغان يېڭى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشتى. يېڭى بىر يىلدا بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇشتەك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلارنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ۋە بۈيۈك بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك. (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلدى)

    چايغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە 2017 – يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلەرنى ئەسلەپ، كېلەر يىللىق پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا يېڭى ئۈمىد ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى – سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئەقىل كۆرسىتىش ۋە كۈچ چىقىرىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، جاسارەتلىك – ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتى، ئەستايىدىل ئىشلەش ئىستىلى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشىمىز كېرەك.

    جۇڭگو دېھقان – ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن ئومۇمىيەتكە سىڭىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئومۇمىيەتنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە، ئەقىل ۋە كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    شى جىنپىڭ قاتارلىقلار چايدا ھەرساھە زاتلار ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋاللاشتى، بىر – بىرىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلارنى كۆرسەتتى. ئاخىرىدا پۈتۈن مەيداندىكىلەر ‹‹ۋەتەنگە مەدھىيە›› دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، يىغىن مەيدانى قىزغىن بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368664981