سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنىڭ ئومۇمىي راسچوت مىقدارى 255 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-18

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر سۈنجې شاڭ شىڭ): مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ 2010 – يىلى چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئومۇمىي راسچوت مىقدارى 255 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 2013 – يىلى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنىڭ ئومۇمىي راسچوت مىقدارى تۆت يىلدا بەش ھەسسە ئاشقان.

    ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 – ئايدىن 11 – ئايغىچە تەۋەلىكىنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى ئەمەلىي كىرىم – چىقىم راسچوت سوممىسى 32 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.4 ئاشقان؛ دائىملىق تۈرلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى ئەمەلىي كىرىم – چىقىم راسچوت سوممىسى 17 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.5 ئاشقان؛ كاپىتال تۈرىدىكى چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت سوممىسى 15 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.2 ئاشقان.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد – سودا ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، سودا سوممىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى خەلق پۇلىنىڭ چېگرا ھالقىغان كەسىپ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن. ھازىر شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنىڭ تۈرى چېگرا ھالقىغان سودا، بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، كېپىل بولۇش، مەبلەغ جۇغلاش، چېگرا سىرتىغا قەرز بېرىش قاتارلىق كەسىپ تۈرلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، قاتناشقان كارخانا 2500دىن ئېشىپ، چەتكە چېتىشلىق كارخانىلارنىڭ مالىيە تەننەرخىنى تېجەپ، پېرېۋوت زىيىنىدىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368342791