سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

تارىم نېفىتلىكىنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنى يىللىق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى تۇنجى قېتىم 20 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-18

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 12 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى: جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى تارىم نېفىتلىك شىركىتىنىڭ 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تەكلىماكان قۇملۇقىغا جايلاشقان تارىم نېفىتلىكى بۇ يىل غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىغا 20 مىليارد 162 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يەتكۈزگەن، بۇ، بۇ نېفىتلىكنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەۋاتقان 13 يىلدىن بۇيان، يىللىق گاز يەتكۈزۈش مىقدارىنى تۇنجى قېتىم 20 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشۇرۇشى ئىكەن.

    تارىم نېفىتلىكى 2004 – يىلىدىن باشلاپ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى تورىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەپ، يەرلىك ئاھالىنىڭ گاز ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىغا تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش مىقدارىنى دەسلەپكى 351 مىليون كۇب مېتىردىن 2016 – يىلىدىكى 19 مىليارد 316 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكۈزگەن، كۈنلۈك تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 63 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشۇرۇپ، 15 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، 120 دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا شەھەردىكى 400 مىليون ئاھالە، 3000دىن ئارتۇق كارخانىغا نەپ يەتكۈزگەن.

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلار كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىشنى تەبىئىي گاز يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلەتتى، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ تەبىئىي گازغا بولغان ئېھتىياجى ئاشتى. تارىم نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق گاز مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چارلاپ ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللىدى ھەم تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلدى، ‹‹قارا – 2››، ‹‹دىنار – 2›› قاتارلىق ئاساسلىق گازلىقلارنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرىچە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 59 مىليون كۇب مېتىر ئەتراپىغا يەتتى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكىنىڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى يىلدىن – يىلغا ئاشتى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىلقى 20 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز 26 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن، بۇ، 18 مىليون توننا زىيانلىق ماددىنى ئاز قويۇپ بەرگەنگە باراۋەر ئىكەن.

    بۇنىڭدىن باشقا، تارىم نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىنى بىخەتەر، مۇقىم تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى ئاھالىلەرنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، يىللىق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 3 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدۇ.

    تارىم نېفىتلىكىنىڭ يەر ئۈستى مۇھىتى ناچار، يەر ئاستى شارائىتى مۇرەككەپ بولۇپ، دۇنيادىكى نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاش ئەڭ قىيىن رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368342761