سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى خانىمى ئاقسارايدىكى ئەڭ قەدىمىي ماگنولىيە دەرىخىنى كېسىۋېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    شۇ جاي ۋاقتى 27-دېكابىر خەۋىرى، ئامېرىكىنىڭ ئاقسارايدىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر تۈپ ماگنولىيە دەرىخىنىڭ تارىخى بەك ئۇزۇن بولغانلىقى، چىرىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى خانىمى مېلانىيە شۇ جاي ۋاقتى 27-دېكابىر مۇتەخەسسىسلەر بىلەن مۇزاكىرىلەشكەندىن كېيىن، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە بۇ 200 يىللىق چوڭ دەرەخنى كېسىۋېتىشنى قارار قىلغان.

    ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 7-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ئاندرېۋ جېكسون سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىنلا ۋاپات بولغان ئايالىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 1828-يىلى بۇ ماگنولىيە دەرىخىنى تىككەن. ئۇنىڭدىن باشقا، 1928-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە بۇ ماگنولىيە دەرىخىنىڭ سۈرىتى 20 ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئارقىسىغا بېسىلغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595811