سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنى 10 سائەت ئۇخلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق كۆرسەتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى» نى بېسىپ تارقاتتى، بۇنىڭدا مەملىكىتىمىزنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرىنى باشقۇرۇش ئاساسىي تەلىپى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق رەتلەپ چىقىلدى، «مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر ماسلىشىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 10 سائەت ئۇخلىشىغا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توققۇز سائەت ئۇخلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش» يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

    مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيقۇ ۋاقتى بىرئاز ياخشى ئىكەن، لېكىن ھەر خىل قىزىقىش سىنىپلىرىغا بالدۇرلا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيقۇ ۋاقتى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىكەن؛ باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى يىللىقى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيقۇ ۋاقتى بويىچە ئۇخلىيالايدىغانلىرى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىكەن.

    مەملىكەت بويىچە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيقۇ مەسىلىسى يىلدىن-يىلىغا گەۋدىلەنگەن. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدىكى بالىلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۇيقۇ مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ مەسىلە بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا ئىكەن. مەملىكەت بويىچە سەككىز شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەملىكىتىمىزدە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولماسلىق (توققۇز سائەتتىن كەم بولۇش) نىسبىتى %38 بولۇپ، شەھەر بالىلىرىنىڭ ئۇيقۇ مەسىلىسى سەۋەبلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يېزا بالىلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان، شەھەر بالىلىرىنىڭ ئۇيقۇ ۋاقتى توققۇز سائەتكە يەتمىگەنلەرنىڭ نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان.

    جۇڭگو ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەتقىقات مەركىزى بۇلتۇر ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2005-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە %60 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيقۇ ۋاقتى دۆلەت بەلگىلىگەن توققۇز سائەتكە يەتمىگەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595691