سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

خاڭجۇدا كۆچمە چىقىم كارتىسى ئىشلىتىپ مېتروغا چىقىش ئەمەلىيلەشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 27-دېكابىر مۇخبىرنىڭ خاڭجۇ شەھەرلىك مېترو گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، خاڭجۇ مېترو ئىككىنچى لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خاڭجۇ مېتروسىدىكى 72 بېكەتتە كۆچمە چىقىم كارتىسى ئارقىلىق كىرىش ئېغىزىدىن ئۆتۈپ مېتروغا چىقىش ئەمەلگە ئاشقان. شۇ سەۋەبلىك خاڭجۇ تۇنجى كۆچمە چىقىم كارتىسىنى ئاممىۋى قاتناش ۋە مېتروغا ئومۇملاشتۇرغان شەھەر ھېسابلانغان.

    ئىگىلىنىشىچە، خاڭجۇ مېتروسى بۇلۇت تېخنىكىسى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسدىن پايدىلىنىپ ئالاقىدار كەسپىي سانلىق مەلۇماتلارنى نەق ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، بېلەت سىستېمىسىنى يېڭىلىغان. بۇ قېتىمقى سىستېمىنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈشتىن كېيىن، يولۇچىلار بانكا بىرلەشمىسى IC كارتىسى ياكى بانكا بىرلەشمىسى IC كارتىسى ئۇچۇرى يۈكلەنگەن كۆچمە ئەسلىھەنى ئىشلىتىپ كارتا سۈرتۈپ كىرىش ئىشىكىدىن ئۆتسە ياكى چىقىمدان (جىفۇباۋ) يانفون تېرمىنالى ئارقىلىق ئىككىلىك كودىنى سېكانىرلاپ ئۆتسە بولىدىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595681