سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سېستىمىسىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋاقتى ئۇزارتىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-29

    ئۈرۈمچى شەھەر-بازارلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلارغا شۇنى ئۇقتۇرىمىزكى، 2017-يىلى 27-دېكابىر سائەت 0:00 دىن 2018-يىلى 8-يانۋار سائەت 0:00 گىچە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تاللاش، ئۆزگەرتىش كەسپى توختىتىلىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا «3-نۇسخا» ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدە سانلىق مەلۇمات كۆچۈرۈشنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تاللاش ۋاقتىنچە توختىتىلغان. بۇ ۋاقىتتا، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە ئىدارىسى، مەھەللە كومىتېتى، يېزا-بازار ئەمگەك كاپالەت پونكىتى ۋە ئۈندىداردا داۋالاش ئاپپاراتىنى ئۆزگەرتەلمەيدىكەن.

    سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2017-يىللىق داۋالاش ئاپپاراتىنى تاللاش، ئۆزگەرتىش خىزمىتى 2018-يىلى 30-يانۋارغىچە ئۇزارتىلغان، سۇغۇرتىلانغۇچىلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، 2018-يىلى 8-يانۋاردىن كېيىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە ئىدارىسى، مەھەللە كومىتېتى، يېزا-بازار ئەمگەك كاپالەت پونكىتىدا تاللاش، ئۆزگەرتىش كەسپىنى بېجىرسە بولىدىكەن.

    ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى مەركىزىي شەھەر 3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىنى تاللاش چەكلىمىسىنى بىكار قىلغان، شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرى پەقەت 1-دەرىجىلىك، 2-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى ئۆزگەرتسىلا بولىدىكەن، 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى تاللاشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001368595491